2011/07/07     

ئۇيغۇر بىلەن ئۇچراشماق

 "مېھمان كەلسە، بەخت كېلىدۇ"

日本語  

 

 
 
 مېنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان ئىنتىلىشىم 1980-يىلى باشلانغان ئىدى. ئۇ يىلى ياپوندا نھك تېلېۋىزىيە قانىلىدا "يىپەك يولى"دېگەن پروگرامما تۇنجى قېتىم قويۇلىشقا باشلىغان ۋاقىت ئىدى. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەۋرىمدىن باشلاپ "ياسۇشى ئىنوئۇئە"ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرنىئوقۇپ كەلگەن بولغانچقا،"يىپەك يولى""غەربىي يۇرت"دېگەندەك سۇزلەرگە سەزگۈر بۇلۇپ كەتكەن ئڭدىم. شۇنىڭدىن كېيىن 1987-يىلى ئاپرىل،مەن ئۆزەم ئۇزۇندىن بېرىنتزار بولغان ئۇيغۇرغا،تۇنجى قېتىم بېرىشقا مۇيەسسەربۇلالىدىم. بۇ بۇنىڭدىن دەل 24يىل ئىلگىرىكى ئىش.مەن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرغا بارسام دەپ تىلەيمەن، ئەپسۇسلىنارلىقى ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ ئۇنداق پۇرسەت بۇلۇپ باقمىدى.       
 
 
 (ھازىرمۇ؟) شۇ چاغدا
جۇڭگوغا ساياھەت قىلغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ جاپالىق ھېسياتىنى سۆزللىتىدىغان بولسا، پۇتۇم بىركەچىمۇ يەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. ھېچكىممۇ رەت بويىچە تىزلىمىغان ناچار بېلەت سېتىش ئورنىدا توپ- توپ بۇلۇپ تۇرغان كىشلەر ئارىسىدا قىستىلىپ تۇرغاچ، ناھايىتى تەستە ئەڭ ئالدىغا يېتىپ بارغىنىم بىلەن، بېلەت ساتقۇچىنىڭ نېمد سۆرسام"يوق"دەپ قوپالىق بىلەن جاۋاپ بېرىشلىرى، ئامالنىڭ يوقىدىن ئورۇنسىز بېلەت بىلەن تۇشۇپ كەتكەن پويىزدە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ورۇن ئىزدەپ، ئاران تەستە ئولتۇرغۇنۇمدا، يان تەرەپىمدىكى كىچىك بالنىڭ پۇتدىن ئېقىپ چۈشكەن سۈيدۈكىدە ئاياغ كىتىمنىڭ چىلىق- چىلىق يول بۇلۇپ كەتىشى، سومكا قويۇدىغان ئورۇندا سومكامنى قويغۇدەك ئورۇنمۇ يوق بولغاچقا، سەپەر سومكامنى قۇچاقلاپ يولاياقلىرىم بىلەن تۇرۇشلۇرۇم، ئىس- تۈتەكتە يۈزلىرىمنڭ قاپقارا بۇلۇپ كەتشلىرى،
 ئايروپىلاننىڭ 6تە سائەت ساقلاتقۇزۇپ ئاران دېگەندە ئۇچۇشى، ئايروپىلاندا ئايروپىلان مۇلازىم خانىمنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدا ئىشارەت قىلىپ بۇيرۇق قىلىشلىر......بېيجىڭدىن72 سائەتسېرىپ قىلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىشمىز، ئاشۇ ۋاقىتتىكى قوش پىرقىرغۇچلۇق ئايروپىلاندا بولسا 3سائەتمۇ كەتمەيتى. شۇنچىلىك ھەرىپ -  چارچاپ كەتكەن كۆڭگۈلۇم بىلەن،    ناھايتى بىر مۇش كۇلاتا يېتىپ كەلگىنىم " يىپەك يولدىكى مەرۋايىت"دەپ ئاتىلدىغان شەھەر، قەشقەر ئىدى.                                             
 
 قەشقەر ئايرودرومىدا ئوخشاش بىر ئايروپىلاندىن چۈشكەن ئۇيغۇر ئايال، ئالدىغا كۈتۈۋالغىلىچىقان بىرنەچە كىشى بىلەن قۇچاقلىشىپ، يىغىلىشلپ تۇرۇپ كۆرۈشىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرەدىن، مەن بېيجىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر تۇپراققا كەلدىم نېمەدېگەن تۇيغۇغا كەپقالدىم. بۇ يەر بولسا قايناپ تېشىپ تۇرغان يۈرەك بىلەن ھايات كەچۇرۋاتقان كىشلەرنىڭ تۇپرىقى يدى   ئىدى.                                                                                                                                                                                      
يەكشەنبە بازار. ئېشەك ھارۋىسى بىلەن ئات ھارۋىسىغا تولغان كوچا. ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئەرلەرنىڭ بەلگە پىچاق ئېسىپيۇرشلىرى، بۇنى كۆرۈپ قىزىقىنىمدا بىرنەچە پىچاق سەتۋالدىم. "مېنىڭ پىچاقىمنى سېتىۋەلىڭ، ئېسىل پىچاق.   پىچاق ساتقۇچى بولمىسىمۇ پىچاق سېتىپ يۈرگەن ئىنىمىز.قىممەتقۇ بۇ!40يۈەن قانداق؟"
ئىچكىرنىڭ شەھەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاجايىپ رەڭدارلىق. نېمىشقىدۇر قىزىقچىلىق بىلەن
 يوغان قازاننى باشىغا كىيىۋالغان ھالەتتە، بېشىنى كۈرسۇتۇپ تۇرۇپ "رەسىمگە تاترىپ قۈيۈڭ!"دېگەن تاغامىز. ئوچۇق
 رەڭلىك ياغلىق ۋە يوپكا كىيىپ تەسىر قالدۇرغان ئايال. ئاشۇ كۆزلۇك گۇزەللەر.كىچىك بولسىمۇ بېرىلىپ ئىشلەۋاتقان
 ئوماق بالىلار. كۆڭگۈم بىلىپ بىلمەي پۈتۈنلەي ئۇيغۇردا ئېلىپ قېلىندى.     
 
 
 
 
 
بىر كۈنى مەقسەتسىزلا ئايلانغىلى چىقتىم. ئەسلىمەن ھاتا بولمىسىلا، ماۋزېدۇڭنىڭ ھەيكىلى ئالدىدىن ئوڭغا
 بۇرۇلۇپ، ئازراق ماڭسىلا ئۆستەڭ، كۆلدېگەندەكلەر، بۇ يەردىن سولغا بۇرۇلسىڭىز دۆڭ يوللار، يەرلىك خەلقنىڭ
ئۆيلىرىدىن بىرنەچىسى قاتارلىشىپ تىزىلغان ئىدى. دەرۋازىدىن ئۆي ئىچىقە قارىغىنىمدا، چوڭ ئانمىز بىلەن
 يەڭگىمىز داستا كىر يۇيۇۋاتغان بۇلۇپ، مېنى كۆرۈپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ "مەرھەمەت.كىرىڭ!"دەپ
ئۆيگە تەكلىپ قىلىدى. چوڭ ئاپاش خەنزۇچە گەپ قىلغانچ، تەبىئىىيلا مېنى ئۆينىڭ ئىچكىرسىگە باشلاپ
 ئولتۇرۇسقا تەكىپ قىلىپ، قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم ۋە تاتلىق تۈرمىلەرنى تىزلىدى. قايناق سۇنىڭ ئۈستۇگە بىر تال
 چاقماق قەنتنى چولتوككىدە قىلىپ سېلىپ ئالدىمغا قويدى.ئۆيدە كىچىك بالدىن ئىككېيلەن بار بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ
ئارىسىدىن بىرسى تاقەت قىلالمىغان ھالدا مېنىڭ ئالدىمدىكى پىيالنىڭ ئىچىدىكى ئىرىپ كەتكەن قەنتنى قولى بىلەن ئەلىۋەلىشىغا، يەڭگىمىز بەكلا ئاچىقلانغانلىقى ئۈچۈن بالا يىغلاپ تاشلىدى.  
 
 
 
 
   
مەن "چوڭ ئاپاش" دەپ ئويلاپ قالغان بۇ ئايال، سوراپ باقسام 48ياش بۇلۇپ، ئاشۇ ۋاقىتىكى مېنىڭ ئاپامدىن ھېلىلا
بەك ياش بۇلۇپ، ھازىرقى مەندىن پەقەت بىر ياشلا چوڭ ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايال ئۆگۈنلۈككە 3 - قىزىمنىڭ توي بۇلىدۇ،چوقۇم قاتنىشىڭ دېدى. دوستىلىرىڭىزنىمۇ بىللە
ئېلىپ كېلىڭ دېگېچكە، توي بولغان كۈنى بىر ياتاقتا ياتىدىغان ياپونلۇق، سىڭاپورلۇك،ئوۋمەنلىق دوستلىرىمنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدىم. مەن مۇشۇ تويدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىدىم،ئۇسسۇلىنى كۆردۇم.
 
 
 
 
شۇنىڭ بىللەن نۇرغۇن نازۇ-نېمەتلەر تىزىلغان ئۆرۈنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزۈم
بىلىپ- بىلمەي كۆز يىشلىرىم بۇلدۇقلاپ ئېقىپ چىقتى. مەن ئۇزۇنۋاقىتىم بېرى ئىزچىل تەشنالىق بىلەن ئىزدەپ كېلىۋاتقان نەرسىگە، بۇ يەردە ئېرىشكەن ئىدىم.
 
 
ھېچنىمىدىن ئىككىلەنمەي، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىشى، ناخشا ئېيتىشلىرى، ئۇسسۇل ئويناشلىرى،كۈلكە چاقناپ
 تۇرغانىلىق چىرايلار، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكۈر كۆزلۇك كىشلەر.
ئەتىگەندىن يېرىم كەچىقىچگە كىشلەرنىڭ ئاۋازىلىرى ئاڭلىنىپ بېسىقمايدىغان توپا ئورلەپ تۇرغان كوچا. كاۋاپنىڭ ھىدى.
كۆزلىرى كىشنى ئازراق ئەندىكتۇردىغان ياش يىگىتلەر، ئۆزنىڭ ھەكىكىي گۈزلىكىنى تامامەن بىلىدىغان قىزلەر.
مانا بۇ يەر غەرىپتە ئۇزۇندىن بېرى ئۇزلۇكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يىپەك يولى ئىدى. بۈكباراقسان تىرەكلەر.
كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل ئېقىنلار. ئەزان ئاۋازى.
 
 
ھەقىقىي يىپەك يولدىكى مەرۋايىت. بۇ ئىسمى جىسىمىغا لايىق بىر كوچا. بۇ كىشىلەر بولسا يىپەك يولدىكى مەرۋايىتنىڭ
ھەقىقي ئۆزى ئىدى. بۇ يەرگە كېلىپ بەك ياخشى قىلىپتىمەن، قاچانلا بۇلمىسۇن بىر كۈنى يەنە بىر قېتىم كېلىمەن دەپ
ئويلىغاچ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ كەتتى.
 
 
ئۇيغۇرتىلىنى تۇنجى قېتىم ئۆگەنگەندىن باشلاپ، ئۇيغۇردا"مېھمان"دېگەن ئاتالغۇغا مۇناسۋەتلىك ماقال- تەمسىلدىن
نۇرغۇننى بىلىۋالدىم. "مېھمان كەلسە، بەخىت كېلىدۇ""مېھمانىڭ كېلىش ئىھتىيارىدىن،كېتىشى ساھىپخاندىن""تاماققا
ئۈلگۈرۇپ كەلگەن مېھمان، بەركەتلىك مېھمان" دېگەندەك. مەن ئۇلارغا بەخىت ئېلىپ كەلەلەمدىم بىلمەيمەن،
ئەمما مەن ئۇلارنىڭ مېھمىنى بۇلۇپ، چوڭ بەخىتكە ئېرىشەلىدىم.
 
 
ئۇيغۇرغا بېرىپ تۇرغان ۋاقتىم 3 ھەپتىلا ئىدى. ياخشى تەرەپنىلا كۆرۈپ،باشقا جايلارنى كۆرمەي قالغان بولۇشۇممۇ
 مۇمكىن. بىراق بۇ3 ھەپتىلىك ئەسلىمەم بولسا،24يىلدىن بۇيان قەلبىمدە ساقلانغاچ، كەچىلىرى چۈشلىرىمگە
كىرىۋەلۋالاتتى.شۇنداق قىلىپ ياپوندا ئۇيغۇر دوستلار بىلەتۇنۇشۇپ. ئۇيغۇرتىلى ۆگۈنۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىدىم.
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەنگۇ ساقلىنىدۇ ھەم داۋاملىشىدۇ. راستىنى ئېيتسام،ھازىر يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرغا بارسام دېگەن
تىلىكىم ئەمەلگە ئاشمىسىمۇ كۆڭلۈم يەرىم بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مۇشۇ ئەسلىمنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بۇلۇشى
مۇمكىن.
ئەمما ئۇيغۇرنىڭ بەختى ئۈچۈن، ياپوندا تۇرۇپ دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇسام دەپ ئويلايمەن.
 
 
 
   بۇ24 يىل ئىلگىرىقەشقەردە سېتىۋالغان دوپپا بىلەن، بۇيىل بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ماڭا بەرگەن دوپپىسى.

 

 

 

copyright ©2010-2015 SEYNA